Apam(母亲) - ETIRAZ99
词:ETIRAZ99
曲:ETIRAZ99
ئاختۇراتتم سومكىڭىزنى مىھماندىن قايتىپ كەلسىڭىز
تەلمۈرەتتىم كۆزىڭىزگە ماڭا بەشمو بەرسىڭىز
تاپشۇرۇقۇمنى يازمىسام سۆزىڭىزنى ئاڭلىمىسام
ئاچچىقلايتتىڭىز ئاپا ئۆيگە كىرمەي ئوينىسام
ئالبۇمدا مىنى قۇچاقلاپ چۈشكەن رەسىمىڭىز
قوزام سەندىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن دىگەن ۋەدىڭىز
ئىسىمگە سالدى ئاشۇ گۈزەل چاغلانى
يۈرۈڭلا دوستلار ئاپىمىزنى يوخلاپ كىلەيلى
ئۇندا بارايلى بۇندا بارايلى ئوماقنى ئاپىمىزنىڭ چىچىنى تارايلى
ھەممىگە كۆنگەن ئايالسىز ، مىنىڭ مېھرىبان ئانامسىز
دۇنيادا ھىچكىم بىرەلمىگەن مۇھەببەتنى بەرگەنسىز
ياش ئىدىڭىز بىزگە ئوخشاش بىرچاغلاردا سىزمۇ ئانا
ئالدىرماي ئاقاردى چاچلىرىڭىز جىنىم ئانا
سىغىندىم ئاشۇ سىز ياققان تونۇرناننى
بالىلىقتقكى ئاشۇ گۈزەل مىنۇتلارنى
قەدىرلەڭ قەدىرلەڭ ئۇلارنىڭ بارىدا
يۈرۈڭلار دوستلار ئاپىمىزنى يوخلاپ كىلەيلى
ئۇندا بارايلى بۇندا بارايلى ئوماقنى ئاپىمىزنىڭ چىچىنى تارايلى