Konalmidim - 富凯-Bahader
سەن كەتتىڭ يىراق يىراقلارغا
قايتىپ كەل يېنىمغا
سەنسىز كۈنلەر كۈن ئەمەس ماڭا
كۈن ئەمەس ماڭا
سەن كەتتىڭ يىراق يىراقلارغا
قايتىپ كەل يېنىمغا
سەنسىز كۈنلەر كۈن ئەمەس ماڭا
سەن كەتتىڭ يالغۇز تاشلاپ
ئۇزۇن يوللار يىراققا
مەن قالدىم دەرىت ئەلەمدە
ئارزۇ ئارمان پىراقتا
ئىشەنچىم يوقتۇر پەقەت
سەن بولمىساڭ يېنىمدا
ھەر بىر قىلغان ۋەدىلىرىم
ئۇنتۇلماس ھەم دىلىمدا
سەن بىلەن بىللە چاغدا
ماڭا كۈلۈپ بېرەتتىڭ
بولاتتى قەلبىم ئىللىق
سېنى بار دەپ يۈرەتتىم
ئوخشىمايدۇ سېنىڭ ھېدىڭ
ئىپار ئەنبەر باشقىغا
ئۆزۈڭدە خاسلىق بولغاچ
ئۇچراشتۇرغان ياخشىغا
تۇيۇقسىز تاشلاپ كەتتىڭ
بىلەلمىدىم نە سەۋەب
دوست بۇرادەر تونۇشلىرىم
قىلدى نۇرغۇن كۆپ دەۋەت
بولدى ئەمدى ئۇنتۇپ كەت
ئەمدى ئۇنتۇپ كەت
كۆنەلمىدىم سەنسىز تۇرمۇش
يۈرىكىمدە ئەلەم دەرت
سەن بىلەن بىللە چاغدا
ماڭا كۈلۈپ بېرەتتىڭ
بولاتتى قەلبىم ئىللىق
سېنى بار دەپ يۈرەتتىم
ئىشەنچىم يوقتۇر پەقەت
سەن بولمىساڭ يېنىمدا
ھەربىر قىلغان ۋەدىلىرىم
ئۇنتۇلمماس ھەم دىلىمدا
كۆنەلمىدىم قاراڭغۇلۇقتا
سەنسىز ياشاشقا
بارچە كۆڭلۈمنى بەرگەن مەن ساڭا
زار قىلدىڭ بىۋاپا
كۆنەلمىدىم قاراڭغۇلۇقتا
سەنسىز ياشاشقا
بارچە كۆڭلۈمنى بەرگەن مەن ساڭا
زار قىلدىڭ بىۋاپا
ھەر جايدا بول ئامان
سەنسىز رەڭگىم سامان
بۇ ھاياتتا ئاشىقلىق يامان
ھەر جايدا بول ئامان
سەنسىز رەڭگىم سامان
سەن بولغىن مەڭگۈگە ئامان
ساڭا كۆيگەن بۇ كۆڭۈل يارا
ئازابىمغا بولغىن داۋا
سۆيگۈمىزگە سالمىغىن جاپا
سېنىڭ ئۈچۈن جان پىدا
ساڭا كۆيگەن بۇ كۆڭۈل يارا
ئازابىمغا بولغىن داۋا
سۆيگۈمىزگە سالمىغىن جاپا
سېنىڭ ئۈچۈن جان پىدا