Kondum - Nurnisa Abbas - Nurnisa Abbas
Lyrics by:Ghayrat Abdulla
Composed by:Mamtimin Idris
كۆنمەس ئىدىم گەپلىرىڭگە
ئەمدى مەن كۆندۈم
سۆيگۈدىكى شەرتلىرىڭگە
ئەمدى مەن كۆندۈم
كۆيمەس ئىدىم قامىتىڭگە
ئەمدى مەن كۆيدۈم
سۆيمەس ئىدىم ، ئاھ سۆيۈلدۈم
يۈرەكتىن سۆيدۈم
كۆيمەس ئىدىم قامىتىڭگە
ئەمدى مەن كۆيدۈم
سۆيمەس ئىدىم ، ئاھ سۆيۈلدۈم
يۈرەكتىن سۆيدۈم
گەپكە كۆندۈم شەرتكە كۆندۈم
سەن مەرتكە كۆندۈم
كۆنۈش ئەمەس ، كۆيدۈم ،سۆيدۈم
مىڭ دەرتكە كۆندۈم
مېھرى ۋاپا ساداقەتتىن ئارتۇقى نەدە
نەدە
نەدە
نەدە
مېھرى ۋاپا ساداقەتتىن ئارتۇقى نەدە
سەندە ۋىجدان ، مەندە غورۇر
ئەبەدكە كۆندۈم
مېھرى ۋاپا ساداقەتتىن ئارتۇقى نەدە
سەندە ۋىجدان ، مەندە غورۇر
ئەبەدكە كۆندۈم
ساڭا كۆندۈم ، ماڭا كۆندۈڭ
چىن دىلىمدىن يار
بىز كۈلۈشتۇق، مۇھەببەتتە
بولدۇق ۋاپادار
دىل رىشتىڭگە مېنىڭ رىشتىم
باغلانغان مەھكەم
ئەقىدىمىز مۇھەببەتكە
مەڭگۈ يول ئاچار
دىل رىشتىڭگە مېنىڭ رىشتىم
باغلانغان مەھكەم
ئەقىدىمىز مۇھەببەتكە
مەڭگۈ يول ئاچار
گەپكە كۆندۈم شەرتكە كۆندۈم
سەن مەرتكە كۆندۈم
كۆنۈش ئەمەس ، كۆيدۈم ،سۆيدۈم
مىڭ دەرتكە كۆندۈم
مېھرى ۋاپا ساداقەتتىن ئارتۇقى نەدە
نەدە
نەدە
نەدە
مېھرى ۋاپا ساداقەتتىن ئارتۇقى نەدە
سەندە ۋىجدان ، مەندە غورۇر
ئەبەدكە كۆندۈم
مېھرى ۋاپا ساداقەتتىن ئارتۇقى نەدە
سەندە ۋىجدان ، مەندە غورۇر
ئەبەدكە كۆندۈم