Yatta Parzant - Warisjan Abdurehim
词: Muhter Bughra
曲:Ablet ablikim
يەتتە پەرزەنىت
ئابلەت ئابلىكىم
بۇ ھاياتقا ئاتا ئانام بەرمەي كەلدى تەن
ئاچچىق تەرگە ئالماشتۇرۇپ بەردى بىزگە قەن
بۇ ھاياتقا ئاتا ئانام بەرمەي كەلدى تەن
ئاچچىق تەرگە ئالماشتۇرۇپ بەردى بىزگە قەن
گىرىمسىز توقاچلىق ئانام ئالەمچە غۇلاچلىق دادام
قارا قىشتا گۈلخان بولدى يازدا سايىۋەن
قارا قىشتا گۈلخان بولدى يازدا سايىۋەن
نانغا زۇۋۇلا ئۈزىدۇ ئانام
جانغا فۇرمىلا تۈزىدۇ دادام
كۆكتە ھىلال ئاي كەتمىنىڭ دادا
جان ئانام بولدى دەرتمىنىڭ دادا
كۈللى مەدھىيە سىلەرگە بەك ئاز
ئارامى جانلىق بولسۇن پايانداز
ئاھ سىلەرسىز دوقمۇشلاردا سەرسان غىرىپ بىز
تىخى بالا ئەقلى چالا قىرىققا كېرىپ بىز
دەردۇ غەمنىڭ تۇساقلىرىدىن ھاياتلىقنىڭ سىناقلىرىدىن
ئۆتەلەيمىز قايتا قايتا ئىمتاھان بىرىپ بىز
ئۆتەلەيمىز قايتا قايتا ئىمتاھان بىرىپ بىز
ئۆتەلەيمىز قايتا قايتا سىناق بىرىپ بىز
نانغا زۇۋۇلا ئۈزىدۇ ئانام
جان ئانام بولدى دەرتمىنىڭ دادا
جانغا فۇرمىلا تۈزىدۇ دادام
كۆكتە ھىلال ئاي كەتمىنىڭ دادا
كۈللى مەدھىيە سىلەرگە بەك ئاز
ئارامى جانلىق بولسۇن پايانداز
يەتتە پەرزەنىت ئىدۇق بىزلەر يەتتە پارچە ئەت
ھەسەن ھۈسەن كەبى كۆكتە پارلايمىز ئەبەت
بىرلىرىمىز خاماندا بىز بىرلىرىمىز ئارماندا بىز
ئۇچقۇر يىللار تاسقاپ بىزگە بىرىدۇ پۇرسەت
ئۇچقۇر يىللار تاسقاپ بىزگە بىرىدۇ پۇرسەت
ئۇچقۇر يىللار تاسقاپ بىزگە بىرىدۇ پۇرسەت
نانغا زۇۋۇلا ئۈزىدۇ ئانام
جان ئانام بولدى دەرتمىنىڭ دادا
جان ئانام بولدى دەرتمىنىڭ دادا
كۆكتە ھىلال ئاي كەتمىنىڭ دادا
كۈللى مەدھىيە سىلەرگە بەك ئاز
ئارامى جانلىق بولسۇن پايانداز
ئارامى جانلىق بولسۇن پايانداز